خىتايدىكى چۇما ۋە سارس كېسىلى تەھدىتى
2004.10.27
خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدە تارالغان يۇقۇملۇق چۇما كېسىلى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 8 كىشى قازا تاپتى. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نۆۋەتتە بۇ كېسەلنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، چىڭخەيدە جەمئىي 19 كىشىنىڭ يۇقۇملۇق چۇما كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 11 كىشى قۇتقۇزىۋېلىنغان.
بۇ كېسەلنى يۇقتۇرىۋالغانلار ئاساسلىقى چىڭخەينىڭ شىلىگوۋ دېگەن جايىدىكى دېھقان ۋە چارۋىچىلار بولۇپ، ئۇلار سۇغۇر گۆشىنى يىگەن ياكى ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ كېسەلنى يۇقتۇرىۋالغان ئىكەن.
خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تەھدىتىگە بىر قەدەر ئېغىر ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي سەھىيە مىنىستىرى چارشەنبە كۈنى خىتايدىكى ھەرقايسى سەھىيە مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ بۇ يىل قىشتا سارس كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقلىرىنى پۇختا ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
2002- يىلى 11- ئايدا باشلانغان سارس دەپ نام بېرىلگەن غەيرى تىپتىكى يۇقۇملۇق ئۆپكە ياللۇغى كېسىلى خىتايدا 300 نەچچە كىشىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. (پەرىدە)