خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئۆلكىلەردە مېنىنگىت كېسىلى تارقىلىپ، بۇ ئاينىڭ ئىچىدىلا بەش ئادەم ئۆلدى.
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ خېۋىي، يۈئەنخۇ قاتارلىق 11 شەھەر ۋە رايونلاردا مېنىنگىت كېسىلى تارقالغان. بۇنىڭدىن سىرت، جياڭسۇنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدىمۇ مېنىنگىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار بايقالغان.
خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپ قىسمى 13 - ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ياش - ئۆسمۈرلەر ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، ئەنخۈي ئۆلكىسىدىلا مېنىنگىت كېسىلى بىلەن ئاغرىغان بىماردىن 61 ئى بايقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى پۈتۈنلەي ساقايغان. ئەمما يەنە يەتتە بىمار داۋالىنىۋاتقان ئىكەن.
مېنىنگىت كېسىلى، مېڭە پەردىسىنىڭ ياللۇغلىنىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىك. خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىدا تارقىلىۋاتقان مېنىنگىت كېسىلى ئاساسلىقى باكتېرىيە تەرىپىدىن قوزغىتىلغان بولۇپ، ئاسان يۇقۇملىنىدىكەن ۋە كونترول قىلماق نىسبەتەن تەس ئىكەن.
خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى، دۆلەتتىكى بارلىق ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچىلاردا قىزىتما، قاتتىق باش ئاغرىش، قۇسۇش ۋە بويۇن قېتىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلگەن- كۆرۈلمىگەنلىكىگە قاتتىق دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا. (ئارزۇ)