خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى خادىملىرى، ئۆتكەن يىلى 12 -ئايدا تارقالغان مېنىنگىت سەۋەبىدىن بۈگۈنگە قەدەر 16 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي سەھىيە مىنىسىتىرلىقى خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 12 - ئايدىن بېرى 300 بىمار بۇ كېسەلدىن يۇقۇملانغان بولۇپ، پەقەت 1 - ئايدىلا 258 ئادەمنىڭ مىنىنگىت ئىكەنلىكى ئىنىقلانغان.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى خادىملىرى، نۆۋەتتە بۇ كېسەلنىڭ فۇجەن، خەينەن ۋە تىبەتلەردىن باشقا ھەممە ئۆلكىلەردە بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.(ئەقىدە)