سىچۈەندە سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كېسەل بىلەن ئۆلگەن ئادەم سانى 17 گە يەتتى


2005.07.24

سىچۈەن ئۆلكىسى، زىياڭ شەھىرىدە سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بىر خىل كېسەللىك تارقىلىپ، ئۆلگەن ئادەم سانى 17 گە يەتكەندىن سىرت يەنە، 12 ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 24 - ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەۋەبى ئېنىقلانمىغان بۇ خىل جىددىي خاراكتىرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەم سانى 58 گە يېتىپ، داۋالاش نەتىجىسىدە 27 ئادەم خەتەردىن قۇتۇلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى، ماغدۇرسىزلىق، كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش، تېرە ئاستىدا قان ئۇيۇپ قېلىش ۋە پەيلەرنىڭ تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق تەرەپلەردە كۆرۈلىدىكەن. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ھەممىسى دېھقانلار ئىكەن.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "نەنخۇا ئەتىگەنلىك گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى سەھىيە خادىملىرىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئىلگىرى كېسەل ۋە قوي بىلەن چوشقىلارنى بېقىش شۇنىڭدەك ئۆلگەن چوشقا قويلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان دېھقانلار ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.