خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان سىرلىق كېسەللىكتە ئۆلگەنگەنلار سانى 24 گە يەتتى


2005.07.26

سەيشەنبە كۈنى خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا 24 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان سىرلىق كېسەللىكنىڭ چوشقىلار ئارىسىدا تارقالغان بىر خىل باكتىرىيەدىن كېلىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. باياناتتا ئېيتىلىشىچە، كېسەللىك ئادەملەردىن ئادەملەرگە يۇقمايدىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر كېسەللىك ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، ھازىرغىچە سىچۋەن ئۆلكىسىدە بۇ كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغان 76 كىشىنىڭ 24 ئى قازا قىلغان.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغان يەنە 21 كىشىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، قىزىتما، باش قېيىش ۋە قۇسۇش مەزكۇر كېسەللىكنىڭ ئەڭ مۇھىم بىشارەتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ كېسەللىك خىتاينىڭ زىياڭ ۋە نىجىياڭ شەھەرلىرى ئەتراپىدىكى 75 يېزىدا تارقالغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلار ئارىسىدىكى ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولۇشى، كىشىلەرنى قاتتىق قايغۇلاندۇرغان. بەزى كىشىلەر، خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونىدا سارس ۋە قۇش زۇكىمىنىڭ قايتىدىن باش كۆتەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىقىدىن ئەندىشە قىلغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى بوب ديىتسز، فىلىپىننىڭ پايتەختى مانىلادا بەرگەن باياناتىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ يېڭى كېسەللىكنى ناھايىتى جىددىي قاراپ، ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.