دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى توڭگۇز كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا
2005.07.27
خىتاينىڭ سىچۇئەن ئۆلكىسىدە تارالغان سىرلىق توڭگۇز كېسىلىدە ئۆلگەن ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى چارشەنبە كۈنى داۋاملىق ئېشىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 27 گە، يۇقۇملانغۇچىلار بولسا 117 گە يەتكەن. شۇنداقلا ھازىر بۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە 21 بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك باسقۇچتا ئىكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھازىر، بۇ رايوندا شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بۇ كېسەلنى يۇقتۇرىۋېلىشى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ بۇنداق يۇقىرى بولىشىغا ھەيران قالماقتا ھەمدە بۇنىڭ يەنە داۋاملىق يامراپ كېتىشىگە قارىتا ئەندىشىسىنى ئىپادىلىمەكتە.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى گەرچە، ئىلگىرى توڭگۇز كېسىلى بىر-ئىككى كىشىدە كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىرلا ۋاقىتتا بۇنداق كۆپ ئادەمنىڭ بۇ كېسەل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان بۇ خىل كېسەل دەسلەپ 1968 -يىلى دانىيەدە بايقالغان بولۇپ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيادا بۇنداق كېسەل كىشىدىن 200 ئى كۆرۈلگەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان سىرلىق كېسەللىكتە ئۆلگەنگەنلار سانى 24 گە يەتتى
- ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
- مۇتەخەسسىسلەر: چىڭخەيدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىش مۇمكىنچىلىكى زور
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، قۇش زۇكىمىنىڭ باشقا رايونلارغا تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا