خىتاي دېھقانلىرى سىرلىق كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغان چوشقىلارنى يېمەكتە
2005.07.28
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى، خىتاينىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان چوشقىلاردىن تارقالغانلىقى ئېنقلانغان سىرلىق كېسەللىككە قارشى ۋاكسىنىنىڭ، بىر ھەپتە ئىچىدە مەزكۇر كېسەللىك ئوتتۇرىغا چىققان رايونغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى يېزىلاردىكى كەمبەغەل دېھقانلار مەزكۇر سىرلىق كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغان چوشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋېتىش ئورنىغا، ئۇلارنى سويۇپ ئۇرۇق - تۇغقان ۋە قوشنىلىرى بىلەن بىرلىكتە گۆشىنى يېمەكتە ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رايوندىكى دېھقانلار ناھايىتى كەمبىغەل بولغاچقا، بىر چوشقىنى ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋىتىش ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئىقتىسادىي زىيان ھىسابلىندىكەن.
زىياڭ شەھرىنىڭ يېزىسىدا ياشايدىغان جاڭ ئىسىملىك بىر دېھقان فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا، ئەگەر كىسەل بىر چوشقىنى يېمەي كۆمۈۋەتسەك، بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان ھىسابلىنىدۇ، دېگەن.
150 كېلو ئېغىرلىقىدىكى بىر چوشقىنى بېقىش ئۈچۈن، يىلدا 1000 يۈەن پۇل كېرەك ئىكەن. سىچۇەندىكى دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن، چوشقىلارنى يەم بولمىغاچقا، ئېشىپ قالغان تاماقلارنى بېرىپ باقىدىكەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى توڭگۇز كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان سىرلىق كېسەللىكتە ئۆلگەنگەنلار سانى 24 گە يەتتى
- 5 نەپەر سىچۇەنلىك دېھقان خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن دۇمبالاندى
- سىچۈئەندە ئىشچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى
- خىتاينىڭ چوڭچىڭ رايونىدىكى بىر چايخانىدا پارتلاش يۈز بەردى