سىچۇەندە ۋىرۇسقا قارشى پائالىيەت جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا


2005.07.31

خىتاينىڭ سىچۇئەن ئۆلكىسىدە، ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىن ئۇرۇش ئىشلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. نۆۋەتتە، سىچۇەندە چوشقىدىن تارالغان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن ئادەم سانى 34 كە يەتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 31 - ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 350 مىڭ چوشقىغا يېتەرلىك ۋاكسىننى سىچۈەن ئۆلكىسىگە يوللىغان، بۇنىڭدىن سىرت يەنە، 10 مىليون چوشقا ئۈچۈن ئالاھىدە بىر خىل ۋاكسىن ئىشلەپ چىقىرىلماقتا ئىكەن. بۇ خىل ۋاكسىنلار يەنە ۋىرۇس تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەرقايسى رايونلارغا ئەۋەتىلىدىكەن.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەنبە كۈنىگە قەدەر 174 ئادەمنىڭ چوشقا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كېسەل چوشقىلارنى باققان ۋە كېسەل چوشقا گۆشى ئىستىمال قىلغان كىشىلەر ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.