خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان سىرلىق كېسەللىكتىن ئۆلگەنلەر سانى 36 گە يەتتى


2005.08.01

خىتاينىڭ سىچۇئەن ئۆلكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان، چوشقىلاردىن ئادەملەرگە يۇققانلىقى ئېنقلانغان سىرلىق كېسەللىكتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 36 گە يەتكەن. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە 198 كىشى مەزكۇر كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، يەنە 30 كىشىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كېسەللىك ئوتتۇرىغا چىققان رايونغا ۋاكسىن ئەۋەتىشكە باشلىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەركىزىي ھۆكۈمەت رايونغا دەسلەپكى قەدەمدە 360 مىڭ چوشقىغا يىتىدىغان ۋاكسىن ئەۋەتكەن بولۇپ، ھۆكۈمەت رايوندىكى 10 مىليون چوشقىغا ۋاكسىن ئۇرۇشنى پىلانلىغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سىچۇئەندىن نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۋاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىمۇ بىر كىشىنىڭ مەزكۇر كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.