خىتاي يەر شارى كېلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا

سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھاۋارايى ئىدارىسى ۋە خىتاي پەن ‏-تېخنىكا ئاكادېمىيىسى بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر يىغىندا، يەرشارى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى خىتايدىكى تەبىئىي ئاپەت ۋە سۇ مەنبەسىنىڭ كەمچىللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتىنىڭ ئازىيىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ھالەتتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاۋا كىلىماتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئاپەتنىڭ باشقا ئاپەتلەرگە قارىغاندا، خىتاي ئىقتىسادىغا تېخىمۇ زور زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھاۋارايى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى لۇ يۇڭ "خىتاي ھازىر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا زور خەتەرگە دۇچ كەلمەكتە. چۈنكى ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشى خىتايدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا ئەڭ بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە بولغان بىر ئارتۇقچە بېسىم بولدى " دەپ بىلدۈردى.

خىتاي پەن -تېخنىكا ۋاقىت گېزىتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئىسسىشى تۈپەيلىدىن، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان دېھقانچىلىق مەھسۇلات تۈرلىرىدىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولىدىكەن. ھازىرنىڭ ئۆزىدە، يەنى تېرىلغۇ قانۇنىيىتى ۋە مەھسۇلات تۈرى ئۆزگەرمىگەن شارائىتتا، ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئۆزى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى 10% ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن. (مېھرىبان)