شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭئىلنىڭ بېيجىڭدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭئىلنىڭ جەنۇبىي جۇڭگونى مەخپىي زىيارەت قىلغاندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ، سەيشەنبە كۈنى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

جەنۇبىي كورىيە يونخاپ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلىشىچە، 30 ماشىنىدىن تەركىپ تاپقان بىر ئەترەت دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە دياۋيۈيتەي دۆلەت مىھمانخانىسىغا كىرىپ كەتكەن. كىم جۇڭئىل سەيشەنبە كۈنى خەلق سارىيىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە 6 دۆلەت سۆھبىتىنى مۇزاكىرە قىلغان بولۇشى مۈمكىن.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كۇڭ چۈەن، خۇ جىنتاۋنىڭ كىم جۇڭئىل بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى. ئەمما شۇنىڭ بىرگە ئىنكارمۇ قىلمىدى. ئۇ، " مەن خۇ جىنتاۋنىڭ بۈگۈن چەتئەللىك رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلىمەن......... بىراق قانچىسى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق " دەيدۇ.

كىم جۇڭئىل ئىلگىرى خىتايدا ئېلىپ بارغان 3 قېتىملىق زىيارىتىنى مەخپىي تۇتقان. ئۇ، ئاخىرقى قېتىم خىتاينى 2004 - يىلى 4 - ئايدا زىيارەت قىلغان. خىتاي تەرەپ كىم جۇڭئىلنىڭ زىيارىتىنى ئۇ دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان.

خەۋەرلەردە ئېيتىشىچە، كىم جۇڭئىلنىڭ ئايرۇپىلانغا چۈشۈشتىن قورقۇش كېسىلى بولغانلىقتىن خىتايغا پويىز بىلەن بارغان بولۇشى مۈمكىن. كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر كىم خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشسە يادرو قوراللار مەسىلىسى ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدىكى ئاساسى تېما بولىدۇ، دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)