خىتاي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي بويىچە شەھەر پۇقرالىرىنىڭ باي- كەمبەغەللىك پەرقىي ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ بارغانلىقىنى جاكارلىدى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، شەھەر پۇقرالىرىنىڭ كىرىم تەقسىمات پەرقىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، باي -كەمبەغەللىك پەرقى جۇڭگو شەھەرلىرىدە " مۇۋاپىق بولمىغان" ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ باردى، دەپ خۇلاسە چىقارغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي شەھەرلىرىدە كىرىمى ئەڭ تۆۋەن بولغان 5 تىن بىر قىسىم نوپۇسنىڭ تاپاۋىتى ئومۇمى كىرىمنىڭ ئاران 75.2 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي شەھەرلىرىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان 5 تىن بىر قىسىم نوپۇسنىڭ تاپاۋىتى بۇنىڭدىن 20 ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا، بۇ ئەھۋال خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش مەسىلىسىدە قىيىنچىلىق تۇغدۈرۈپ، خىتاي سىياسەت بەلگۈلىگۈچىلىرىنى قايغۇغا سالماقتا، دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل 3 - ئايدا چاقىرىلىدىغان مەملىكەتلىك يىغىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بەش يىللىق پىلانىنى تەستىقلىشى مۈمكىن. يېڭى بەش يىللىق پىلاندا تەڭپۇڭ جەمئىيەت قۇرۇش مەسىلىسى تەكىتلەنسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتى شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئازايتىشقا قارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ يېقىندا ھۆكۈمەتنىڭ تىببىي داۋالاش ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق شارائىتىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. بۇ مەسىلىلەر خىتايدا ھەر خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىدى.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر ئەمەلدارى، ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردا تاپاۋەت پەرقىنى تەڭشەش يولىدا جىددىي تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ تەدبىرنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان. (ئەركىن)