ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا شەھەر بىلەن يېزىلار ئارىسىدىكى كىرىم پەرقى چوڭايماقتا
2006.07.24
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا " غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى" يولغا قويۇلغان 6 يىلدىن بېرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى ئىزچىل ئېشىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئارىسىدىكى كىرىم پەرقى داۋاملىق كېڭىيىپ ماڭغان.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2005 - يىلى يېزا - كەنتلەردىكى ئاھالىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 2482 يۈەن بولغان بولسا، شەھەر - بازارلاردا ئاھالىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 8100 يۈەندىن توغرا كەلگەن.
شەھەر بازار ئاھالىلىرى بىلەن يېزا - كەنت پۇقرالىرىنىڭ كىرىم پەرقىدىكى چوڭىيىش جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋە ھەل قىلىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مەملىكەت خاراكتېرلىك زور مەسىلە. كومپارتىيىنىڭ دۈشەنبە كۈنى چاقىرىلغان سىياسىي بيۇرو يىغىنى، بۇ يىل 10 ئايدا چاقىرىلىدىغان 16 - نۆۋەتلىك 6 - ئومۇمى يىغىنىدا بۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىشنى ماقۇللىغان.
كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كىرىم پەرقىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى پۇل تاپىدىغان ساھەلەرنى مەنپەئەت گۇرۇھلىرى ماناپول قىلىۋالغانلىقتىن ئىكەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى 1999 - يىلدىكى 116 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن 2005 - يىلى 260 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ 5 يىل ئىچىدە بىر ھەسسە كۆپەيدى، دەپ تەنتەنە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كىرىم پەرقىنىڭ كېڭىشىنى توساپ قالالمىغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا ھەممىدىن بايلار ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلالمايدىكەن
- خىتاي "ئىناق جەمئىيەت" بەرپا قىلالامدۇ ؟
- خىتايدا باي - كەمبەغەللەرنىڭ كىرىم پەرقىي ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىگە يەتتى
- ب د ت: باي- كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق خىتاينىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەھدىت
- خىتاي دېھقانلارنى شەھەرگە كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە