خىتاي ھۆكۈمىتى، مۇستەقىل خىتاي يازغۇچىلىرى قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مۇخبىر ۋە يازغۇچى شىتاۋنى 24 - ئۆكتەبىر كۈنى " دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش "جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىتاۋ شەنشى ئۆلكىسى تەييۈئەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن كىيىن، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھازىرغىچە خەۋىرىنى ئالالمىغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، شىتاۋ ئىلگىرى "قانۇن كۈندىلىك گېزىتى" قاتارلىق خىتايدىكى بىر نەچچە چوڭ گېزىتخانىلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل تۈردە چەتئەلدىكى ئىنتېرنېت تورىدا تارقىتىلىدىغان "دېموكراتىيە مۇنبىرى "ژئورنىلىغا ماقالە ئەۋەتكەن.
ئۇنىڭ ئىنىسى، شىتاۋنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتى پەقەتلا يوق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى چەتئەلدىكى تور بەتلىرىگە ماقالە ئەۋەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى" دېگەن نام بىلەن سىياسى كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنى باستۇرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر تىجارەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىمۇ، ئامېرىكىدىكى يولدىشىغا يەرلىك گېزىت ئەۋەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى " بىلەن سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. (ئارزۇ)