باۋ توڭ، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى

خىتاينىڭ سابىق ئەمەلدارى باۋ توڭ يېقىندا خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى توسۇشنى تەلەپ قىلدى.

باۋ توڭ ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭنىڭ كاتىپى بولۇپ، " 4 - ئىيۇن " تيەنئەنمىن ۋەقەسى سەۋەبىدىن بىر مەزگىل تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇ يېقىندا خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا يازغان خېتىدە: " كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنمۇ، خىتايدا يەنىلا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنى كەسىپ قىلغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كادىرلار بار. ئۇلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يوليورۇقى بويىچە، داۋاملىق تۈردە ئاساسىي قانۇنغا ماس كەلمەيدىغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاۋاتىدۇ" دېگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جاۋ زىياڭ ئۆلگەندىن كىيىن، ئۇ ئايالى بىلەن تەزىيە بىلدۈرۈشكە كېتىۋاتقىنىدا، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇپ، ئايالى ۋە ئۆزىنىڭ يىنىك يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىخەتەرلىك خادىملىرى يەنە، كۆپ يىللاردىن بېرى ئۇنى پايلاپ، كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.

باۋ توڭ خېتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ ئالىي ھوقۇق ئورگىنى بولغان خەلق قۇرۇلتىيىنى قانۇننى قوغداپ، دۆلەت ئورگانلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا بۇيرىغان خىتاي رەھبەرلىرىنى سوتقا تارتىشقا چاقىرغان.

بۇ ئارىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا تۈرمىگە تاشلانغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ سانىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر تەشكىلات دوكلاتىدا، خىتايدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پەقەت ئۆز سىياسى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ۋە شۇنداقلا مەجبۇرىي يېرىنى تارتىۋېلىشقا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە بۇ يىلنىڭ باشلىرى قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ سانىلا نەچچە ئونغا يېتىدىكەن. (ئارزۇ)