خىتاي، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدىكى ئەيىپلەشلەرنى رەت قىلدى
خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن ناچارلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ "يولسىزلارچە" خىتاينى ئەيىپلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە " خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياخشىلاشتا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق دوكلات ئېلان قىلىشى، ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن پايدىسىز" دېدى.
بۇنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش- قىلماسلىقى بىلەن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "2004 - يىللىق دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش دوكلاتى" نى ئېلان قىلدى
- خىتاي، ئامېرىكىنىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" چىقىرىشنى قايتا ئويلىشىش تەلىپىنى رەت قىلدى
- خىتاي، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەيىبلىدى
- خىتاي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا سىياسى مەھبۇسلار تىزىملىكىنى تاپشۇردى