خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 2008 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىش ۋە سىياسى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇقنى ياخىشىلاش ئۈچۈن بىر پۇرسەت، دەپ كۆرسەتتى.
كەچۈرۈم تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەركىتىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشقا چاقىردى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىسىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يازغان شەخسلەر تۈرمىگە تاشلانغان شۇنداقلا مىڭلىغان بېيجىڭلىق پۇقرالار ئولىمپىك يىغىنىنىڭ تەييارلىقى سەۋەبىدىن ئۆيلىرىدىن مەجبۇرى ۋە قانۇنسىز ھالدا كۆچۈرۈلگەن.
ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈش خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ئورگاننىڭ ۋەزىپىسى كىشىلىك ھوقۇقنى نازارەت قىلىش ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرى ئولىمپىك يىغىنىنى " رىئالىستىك ۋە ئەمەلىي قەدەملەر" بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق كۈتۈۋېلىش كېرەك، دەپ ئەسكەرتتى. كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ رىئالىستىك ۋە ئەمەلىي قەدەملەر ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىش، ئەدلىيە سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، پۇقرالارنىڭ ئىپادىلەش ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىگە يول قويۇش، ۋىجدان مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. (ئەركىن)