فلادېلفىيە تەكشۈرگۈچىسى گېزىتى: خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق يەنىلا نازۇك مەسىلە

ئامېرىكىدا چىقىدىغان " فلادېلفىيە تەكشۈرگۈچىسى" گېزىتى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئاز دېگەندە ئاياللار - بالىلار ئەتكەسچىلىكى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئەيدىز كېسەللىكى قاتارلىق 3 مەسىلە جىددى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ساھەلەر، دەپ كۆرسەتتى.

خەلقئارا ئاممىۋىي سەھىيە مۇتەخەسسىسى سىزار چېلالا تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىدە، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونلىرىدا پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئۇ، " خىتاينىڭ شىنجاڭدا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا باستۇرۇش سىياسى يۈرگۈزىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان 8 مىليون ئەتراپىدىكى بۇ مىللەت، ئاخىرىقى 10 يىلدا بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايونغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىغا قارىماي، ئۆز مەدەنىيەت كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇشەققەتلىك كۈرەش قىلماقتا" دەيدۇ.

سىزار چېلالانىڭ تەكىتلىشىچە، ئاياللار ئەتكەسچىلىكى خىتايدا ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ جىنسىي يوللار بىلەن تارقىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. ئۇ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز ئاكتىپلىرىغا تۇتقان كونترول قىلىش ۋە تەھدىت سېلىش سىياسىتى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان يەنە بىر مەسىلە" دېگەن. ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، "خىتاي ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كېڭىيىش تەھتىدىگە دۇچ كەلمەكتە. ئەگەر بۇنى كونترول قىلمىسا ئۇزۇنغا بارماي پارتلاش خاراكتېرلىك ئاقىۋەتكە قېلىشى مۇمكىن".

ئۇ يەنە خىتاينىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى تەنقىدلىگەن. سىزار چېلالا،" خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق دىنىي ئەركىنلىكنى بوغماقتا. خىتاي ئاساسى قانۇنى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما دىنىي ئىشلار بەلگىلىمىسى بويىچە خىتايدا پەقەت بەشلا دىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان" دەيدۇ. خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە دۆلەت كادىرلىرىنىڭ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش ۋە ھەجگە بېرىشىنى چەكلىگەن. (ئەركىن)