كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى داۋاملىق بوغۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى خىتاي ئۆتكەن يىلى يولغا قويغان دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش يېڭى بەلگىلىمىلىرىدىن بۇيانقى بىر يىللىق ۋەزىيەتكە باھا بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى داۋاملىق بوغۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

مەزكۇر تەشكىلات بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا يەنە، خىتايدىكى خىرىستىئان دىنى ۋە فالۇنگوڭ قاتارلىق ھەر خىل دىنلار چەكلىمىگە ئۇچراپلا قالماستىن، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىمۇ بۆلگۈنچىلىككە باغلاپ باستۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

دوكلاتتا يەنە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق بولۇۋاتقانلىقى، چۈنكى خىتاينىڭ بۇنى قەستەن خەلقئارا تېررورچىلىققا باغلاپ تۇرۇپ باستۇرۇۋاتقانلىقى ئېيتىلغان.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى يولغا قويغان دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش يېڭى بەلگىلىمىلىرى ئارقىلىق ، كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغداش جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى جار سالسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى بىر يىللىق ۋەزىيەتنى كۆزىتىش ئارقىلىق، بۇ بەلگىلىمىنىڭ خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ياخشىلىنىش پەيدا قىلمىغانلىقىنى يەكۈنلىدى. (پەرىدە)