كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇشنى خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج W بۇشنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي رەھبەرلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دېرىكتورى برەد ئادامس " ھازىر خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى" دېدى.

برەد ئادامس يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خېلى يىللاردىن بۇيان "ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي ئىسلاھات، ئاندىن سىياسىي ئىسلاھات قىلىمىز" دېگەننى تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئېغىرلىشىۋەرگىچە، بۇشنىڭ چوقۇم ئىسلاھات ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدە چىڭ تۇرۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ باياناتىدا ئاساسلىقى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىغا قىلىدىغان زىيارىتىنى نەزەردە تۇتقان بولۇپ، ئۇلار بۇشنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خۇ جىنتاۋغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشىنى كۈتمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە، بۇشنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېگىشلىك بولغان مەسىلىلەرنى 6 تۈرگە ئايرىغان. ئۇلار دىنىي ئەركىنلىك، سۆز ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، ئەدلىيە سېستىمىسى ۋە تەن جازاسى قاتارلىقلار. مەزكۇر تەشكىلات يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.