خىتاي ساقچىلىرى قارغۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېنغا تەھدىت سالغان
2006.06.25
مەجبۇرىي بالا ئالدۇرۇش ئەھۋاللىرىنى پاش قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان قارغۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېن يېقىندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىغان.
چېننىڭ ئادۋۇكاتى لىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، بىر نەپەر ساقچى ئەمەلدارى چېنغا " تۈرمىدە ئادەمنىڭ ئۆلىشى ناھايىتى ئاسان. تېخى يېقىندا بىرسى ئۆلدى. ئەگەر سەن گۇناھىڭنى ئۈستۈڭگە ئالمىساڭ، بۇ يەردىن ساق چىقىپ كېتىمەن دەپ خام خىيال قىلما" دەپ تەھدىت ئىشلەتكەن.
چېن گۇاڭچېڭ مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇپ، ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەجبۇرىي بالا ئالدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ۋەقەلەرنى پاش قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆتكەن يىلى 9- ئايدىن باشلاپ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆيدە نەزەربەتكە ئېلىنىپ، ئۆتكەن ھەپتە رەسمىي قولغا ئېلىنغان. خەلقئارا تەشكىلاتلار چېننىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە.
چېننىڭ ئادۋۇكاتى لى، ساقچىلارنىڭ چېنغا يېتەرلىك تاماق بەرمەيۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭغا تەھدىت سالغانلىقىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، نۆۋەتتە ساقچىلار ئۈستىدىن بۇ ھەقتە ئەرز قىلىشنى پىلانلىماقتا. شۇنداقلا چېننىڭ ئايالى يولدىشىنىڭ سالامەتلىكىدىن ۋە ساقچىلارنىڭ ئۇنى قىيىناپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى يۈ فۇسەينىڭ داۋالىنىشىغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلدى
- خىتاي يەنە بىر ئۆكتىچى يازغۇچىنى قولغا ئالدى
- پىلانلىق تۇغۇت سەۋەبىدىن شەنشىدىكى 11 نەپەر ئەمەلدار خىزمىتىدىن ئېلىۋېتىلدى
- خىتايدا ئىككى نەپەر ئۆكتىچى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن
- ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتى خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە بەرگەن ياردەم تۈرىنى ئاقلىدى