جوڭگو كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى خىتاينىڭ قانۇنچىلىقى كەينىگە چېكىنمەكتە، دەپ ئەيىبلىدى
2006.08.29
مەركىزى نيۇ - يوركتىكى جوڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئادۋۇكاتلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانۇن جەھەتتىكى چېكىنىش، دەپ ئەيىبلىدى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوكلاتتا جوڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى جوڭگو دائىرىلىرى بەزى ئادۋوكاتلار ئۈستىدىن يالغان دىلولارنى ياساپ چىقىپ ئۇلارنى قولغا ئالدى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللۇنىشىنى چەكلىدى، دەپ يازغان.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نازۇك دىلولارغا چېتىلىپ قالغان بەزى ئادۋۇكاتلار دائىرىلەر تەرىپىدىن ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغان، قورقۇتۇلغان ۋە تاياق يېگەن. دوكلاتتا، "كەسپىي ئادۋۇكاتلارغا زەربە بېرىدىغان بۇ ھەرىكەتلەر كىشىلەرنى جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن - تۈزۈم قۇرۇلۇشى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىدىن گۇمانلاندۇرماقتا،" دەيدۇ.
جوڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جوڭگو كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشى كومپارتىيە ئىچىدىكى قاتتىق قوللار گۇرۇھىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. دوكلاتتا، قاتتىق قوللار گۇرۇھى پۇقرالارنى مەجبۇرى كۆچۈرۈشكە قارشى تۇرغۇچىلار ۋە يېزا سايلىمىنى قوللىغۇچىلارغا زەربە بەرمەكتە، دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئادۋوكاتلار كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچى قارغۇ چېڭ گۇاڭچىڭنىڭ سوتىنى بايقۇت قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى
- خىتاي، نېفىت ئۈچۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايدىكى ئادۋۇكات گاۋ جىاڭ ھەققىدە قارار ماقۇللىدى
- خىتاي فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىش ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى