كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان خىتاي ئەيدىز پائالىيەتچىسىنىڭ ئايالى ئايرودرومدا توسۇپ قېلىندى


2007.06.11

خىتاي مەخپىي ساقچىلىرى خىتاي ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جىيانىڭ ئايالىنى، چەتئەلدە ئېچىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چېگرىدىن چىقىش ئالدىدا توسۇپ قالغان ۋە ئۇنىڭ چېگرىدىن چىقىش رەسمىيەتلىرىنى مۇسادىرە قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار خۇ جىيانىڭ ئايالى زېڭ جىنيەننى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ توسۇپ قالغان.

خۇ جىيانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئايالى ئېغىر ئاياق بولۇپ ئايرودرومدا ئىككى سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. خۇ جىيا مۇنداق دەيدۇ: "پۇقراچە كىيىنگەن مەخپىي خادىملار كېلىپ، ئۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ، ئۇنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىغا يول قويمىغان."

خۇ جىيانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايالى زېڭ دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر بىز ياۋروپادا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئاشكارىلايدىغان بولساق، بۇ بەك چوڭ تەسىر قوزغىغان بولاتتى. شۇڭا بۇ نۆۋەت خىتاي مېنىلا ئەمەس بەلكى ئايالىمنىمۇ بەك چىڭ تۇتىۋاتىدۇ."

خىتاي 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن بۇرۇن ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئولىمپىك يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە دارفۇردىكى كرىزىس ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى.(جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.