چ م ت: ئولىمپىككە ئاز قالغان بولسىمۇ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولمىدى
خەلقئارا چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىدە ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى موڭغۇلىيە، ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەت قاتارلىق جايلاردا داۋاملىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈزگۈزىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى.
باياناتتا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنى تۈرمىدىكى ئىچكى موڭغولىيىلىك ئۆكتىچى زات خادانى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. خادا ئىچكى موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ مىللىي ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى مۇخبىرلاردىن بولۇپ، ئۇ 1996 - يىلى " دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغۇرلاش ۋە بۆلگۈنچىلىك" بىلەن ئەيىبلەپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خادانى موڭغۇل مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان " ۋىژدان مەھبۇسى"، دەپ ئاتىماقتا.
چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتتا يەنە مۇنداق دەيدۇ، " بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ' بىر دۇنيا، بىر غايە،' دېگەن شۇئارى، ئېتنىك مىللەتلەر ھوقۇقىنى قوغداشتىكى بىر سىناقتۇر." دوكلاتتا يەنە،" دائىرىلەرنىڭ رەت قىلىشىغا قارىماي، ئىچكى موڭغۇلىيە، ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەت قاتارلىق ئىشغالىيەت ئاستىدىكى رايونلاردا يەرلىك خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈزلىكسىز دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىماقتا،" دەيدۇ.
چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى مەسئۇلى بېروسېلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا بىر يىل قالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تەشكىللىگۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئادا قىلمىغان." چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ باياناتنى ئىچكى موڭغۇلىيە ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئولىمپىك كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدىكى سۆزى تەنقىدكە ئۇچرىدى
- تەيۋەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوللايدۇ
- بېيجىڭ ئولىمپىكىدا ئىشلىتىلىش ئۈچۈن قۇرۇلۇۋاتقان تىكتاك توپ زالىغا ئوت كەتتى
- خىتاي ئارمىيىسى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ
- جېجياڭ ئۆلكىسىدە ئۆيىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلاش سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بەردى
- كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان خىتاي ئەيدىز پائالىيەتچىسىنىڭ ئايالى ئايرودرومدا توسۇپ قېلىندى
- خىتاي بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن مەجبۇرىي ئۆي كۆچۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى
- خىتاي ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە قادىر باشلىق بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشنى بەلگىلىگەن