خىتايدا يەر ‏- مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى تۈرمىدە قىيىن ‏- قىستاققا ئېلىنغان


2007-10-08
Share

خىتايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان خىتاي يەر-مۈلۈك ھوقۇقى تەرغىباتچىسى تۈرمىگە تاشلانغان ۋە تۈرمىدە باشقا جىنايەتچىلەرنىڭ ئەخلەتلىرىنى تازىلاشقا مەجبۇرلانغان.

يەر-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتچىسى ياڭ چۈنلىن بۇ يىل 6- ئايدا خېيلۇڭجياڭدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان دېگەن جىنايەتلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.

8- ئۆكتەبىر، مەزكۇر يەر-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتچىسىنىڭ سىڭلىسىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا، ياڭ چۈنلىنگە ئارتىلغان جىنايەتلەر مۈجمەل بولۇپ، ئۇ تۈرمىدە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشقا قىستالغان.

بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن ياڭ ئەسلىدە ئىشىدىن بوشۇتۇلغان زاۋۇت ئىشچىسى بولۇپ، خېيلوڭجياڭدىكى دېھقانلارنى ھۆكۈمەت تارتىۋالغان يەرلىرى ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ياڭ يەنە، 10 مىڭ كىشى ئىمزا قويغان " بىزگە ئولىمپىك ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇق كېرەك" سەرلەۋھىلىك ئوچۇق خەت ھازىرلىغان. ئەمما خەتنىڭ كىمگە يوللانغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ياڭنىڭ سىڭلىسى ياڭ چۇنپىڭنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئاكىسى تۈرمىدە ئىككى قېتىم ئېغىر قىيىن ‏- قىستاققا ئۇچرىغان ئىكەن.

قىيىن- قىستاققا ئېلىش خىتايدا قانۇنسىز ھېسابلىنىدىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تۈرمىلىرىدە ئىقرار قىلدۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان چارىلەرنىڭ بىرى.

ياڭنىڭ دېلوسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان تەشكىلات " خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى" نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياڭ تۈرمىدە ھەقىقەتەن قىيناشقا ئۇچرىغان ئىكەن. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت