خىتايدا يەر - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى تۈرمىدە قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان
خىتايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان خىتاي يەر-مۈلۈك ھوقۇقى تەرغىباتچىسى تۈرمىگە تاشلانغان ۋە تۈرمىدە باشقا جىنايەتچىلەرنىڭ ئەخلەتلىرىنى تازىلاشقا مەجبۇرلانغان.
يەر-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتچىسى ياڭ چۈنلىن بۇ يىل 6- ئايدا خېيلۇڭجياڭدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان دېگەن جىنايەتلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.
8- ئۆكتەبىر، مەزكۇر يەر-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتچىسىنىڭ سىڭلىسىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا، ياڭ چۈنلىنگە ئارتىلغان جىنايەتلەر مۈجمەل بولۇپ، ئۇ تۈرمىدە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشقا قىستالغان.
بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن ياڭ ئەسلىدە ئىشىدىن بوشۇتۇلغان زاۋۇت ئىشچىسى بولۇپ، خېيلوڭجياڭدىكى دېھقانلارنى ھۆكۈمەت تارتىۋالغان يەرلىرى ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ياڭ يەنە، 10 مىڭ كىشى ئىمزا قويغان " بىزگە ئولىمپىك ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇق كېرەك" سەرلەۋھىلىك ئوچۇق خەت ھازىرلىغان. ئەمما خەتنىڭ كىمگە يوللانغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
ياڭنىڭ سىڭلىسى ياڭ چۇنپىڭنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئاكىسى تۈرمىدە ئىككى قېتىم ئېغىر قىيىن - قىستاققا ئۇچرىغان ئىكەن.
قىيىن- قىستاققا ئېلىش خىتايدا قانۇنسىز ھېسابلىنىدىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تۈرمىلىرىدە ئىقرار قىلدۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان چارىلەرنىڭ بىرى.
ياڭنىڭ دېلوسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان تەشكىلات " خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى" نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياڭ تۈرمىدە ھەقىقەتەن قىيناشقا ئۇچرىغان ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېيجىڭدا يەنە بىر ئادۋوكات قاتتىق تەھدىتكە ئۇچرىدى
- ياڭ جيەنلى خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش ۋە ئەركىنلىكنى توسۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىكى نامايىشچىنى 18 يىلدىن كېيىن قويۇپ بەردى
- چ م ت: ئولىمپىككە ئاز قالغان بولسىمۇ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولمىدى
- ئولىمپىك كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدىكى سۆزى تەنقىدكە ئۇچرىدى
- تەيۋەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوللايدۇ
- جېجياڭ ئۆلكىسىدە ئۆيىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلاش سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بەردى
- كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان خىتاي ئەيدىز پائالىيەتچىسىنىڭ ئايالى ئايرودرومدا توسۇپ قېلىندى
- خىتاي پېشقەدەم دېموكراتنىڭ خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويدى