ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان يىللىق كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىزچىل دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار ئۆمىكىنىڭ باشلىقى دېۋىد رتىچى، خىتاي تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى جۈي تيەنكەي بىلەن بىرلىكتە كانبەرادا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يېغىنىدا، سۆھبەتلەر جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئورگانلىرىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن فالۇڭگوڭ مۇرىتلىرىنى ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا چىققان دوكلاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. دېۋىد رتچى، بىز بۇ خەۋەرلەر ھەققىدىكى ئۆزىمىزنىڭ قايغۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئەلۋەتتە بۇ مەسىلە تېخى ئىسپاتلانمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سۆھبەتتە بۇ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىمىز، دېدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنستىرى جۇي تىيەنكەي، فالوڭگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئورگانلىرىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا چىققان خەۋەرلەر ئاساسسىز ، بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل مەۋجۇت ئەمەس، دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1999- يىلى فالۇڭگوڭ تەرىقىتىنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىپ، بۇ تەرىقەتنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن چەتئەللەردە ياشاۋاتقان فالۇڭگوڭ مۇرىتلىرى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتاينىڭ فالۇڭگوڭ تەرىقىتىگە قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خىتاي ئاۋسترالىيىنىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ سودا شىرىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن يىلى ئاۋسترالىيىنىڭ خىتايغا مىنېرال ئىكسپورتى ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن. (قانات)