ئۇيغۇر ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرى خىتاينى ئۇلىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغىچە كىشىلىك ھۇقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا چاقىردى


2004.08.30

ئۆتكەن شەنبە كۈنى , گىرىتسىيىنىڭ پايتەختى ئاتىنادا ئۇلىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزىلىۋاتقان كۈنلەردە گىرمانىيىنىڭ ئاساسى قانۇن مەھكىمىسى جايلاشقان كارلسرۇھە شەھىرىدە , خەلقئارا كىشىلىك ھۇقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2008 - يىلى بيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۆلىمپىك تەھەرىكەت يىغىنىنىڭ پاكىز ۋە ئىنسانى ئۆتكۈزۈلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى دىگەن تىمىدا مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن .

بۇ قىتمقى پائالىيەتكە تىبەت , فالوڭ گوڭ , گىرمانىيەدىكى كىشىلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا گىرمانىيە دىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى .

كارلسرۇھە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا ئېلىپ بىرىلغان پائالىيەتتە, خەلقئارا كىشىلىك ھۇقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى , كارلسرۇھە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇللىرى , تىبەت , شەرقى تۈركستان ۋە فالوڭ گوڭ تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە گىرمانىيە پارلامىنتىنىڭ ئەزالىرى مەيداندىكى 1000 دىن ئارتۇق ئاممىگە سۆز قىلىپ , خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركستان ۋە تىبەت قاتارلىق رايونلارغا قاراتقان كىشىلىك ھۇقۇق تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيپلەش بىلەن بىرگە, خىتاي ھۆكۈمىتىنى 2008 - يىلى ئۇلىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئىچىلغانغا قەدەر , كىشىلىك ھۇقۇق مەسىلسى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ , ئۇلىمپىك روھىغا ھەقىقى يوسۇندا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى . (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.