كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتايدىن ياۋ فۇشىننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى


2005.09.15

خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان "خىتاي ئەمگەكچىلەر ئۇچۇرى" خىتاي ھۆكۈمىتىدىن لياۋنىڭدىكى ئىشچىلار نامايىشىغا رەھبەرلىك قىلغانلىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان ياۋ فۇشىننى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ياۋ فۇشىننىڭ ھازىر يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ھەمدە جىددىي داۋالاشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ياۋ فۇشىننى قىزى ياۋدەننىڭ ئاگېنتلىققا بىلدۈرىشىچە، بۇ يىل 8 -ئاينىڭ 6 - كۈنى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ قالغان ھەمدە ئۇ ھازىر يېرىم پالەچ ھالەتتە بولۇپ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش، كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى ئېغىر ناچارلاپ كېتىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلگەن.

ياۋنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار ھۆكۈمەتتىن كۆپ قېتىم ياۋ فۇشىننى داۋالاشقا قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇلارغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.

56 ياشلىق ياۋ فۇشىن ۋە ئۇنىڭ سەبدىشى 59 ياشلىق شياۋ يۈنلىياڭ 2003 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغان ئېلىنغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئىككىسىنى لياۋنىڭدىكى ئىشچىلارنى ئويۇشتۇرۇپ ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەت قوزغاتقان ھەمدە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، 7 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.

لياۋنىڭدىكى ئۇ نامايىشقا قاتناشقان ئىشچىلارنىڭ سانى نەچچە ئون مىڭدىن ئېشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.