كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈستىدىن بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارغان ئەرز - شىكايەتچىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇرۇش، قورقۇتۇش ۋە گۆرۈگە ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرى ئەرز - شىكايەت قانۇنىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، ئەمما يېڭى قانۇندا ئەمەلدارلارنىڭ ئەرز- شىكايەتچىلەرگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى كەمسىتىش قىلمىشلىرىغا چەكلىمە قويۇلمىغان. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، ئەرز - شىكايەت قىلغان پۇقرالار ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا، تاياق يېمەكتە ۋە قورقۇتۇلماقتا ئىكەن.
دوكلاتتا، ئەرز- شىكايەتچىلەرگە ياردەم قىلغان كىشىلەرنىڭمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارغان پۇقرالارنىڭ ئەرز- شىكايەت قىلىش سەۋەبلىرى ھەرخىل بولۇپ، بۇ ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى، يەر- مۈلك ھوقۇقىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىغانلىقى قاتارلىق دىلولارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى بېيجىڭ دائىرىلىرىگە 10 مىليون پارچە ئەرز شىكايەت خېتى يېزىلغان بولۇپ، ئەرز - شىكايەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى دېھقانلار ئىكەن. (ئەركىن)