كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشقا چاقىردى


2008.02.22

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايسقا خەت يېزىپ، بۇش ھۆكۈمىتىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشقا چاقىردى ۋە خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنى مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدىكى ۋەدىسىدە تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

خەتتە، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى يېتىپ كېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، بولۇپمۇ يېقىنقى 2 ئايدىن بېرى، خىتاي دائىرىلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىمايلا قالماي، ھەر خىل باھانە ‏- سەۋەبلەر بىلەن ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تۇتقۇنغا ئۇچرىغان بۇ كىشىلەرنىڭ 2008 ‏- يىلىنى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق يىلى قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا ۋە دېھقانلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى زات ياڭ چۈنلىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خېتىدە يەنە، خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ياللىۋالغان لۈكچەكلەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەلىرى كۆپ قېتىم سادىر بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئەھۋاللار ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بەرگەن ۋەدىلەرگە پۈتۈنلەي زىت، دەپ كۆرسەتتى ھەمدە ئامېرىكا بۇ مەسىلىلەرگە سۈكۈت قىلسا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇققا قىزىقمايدۇ، دېگەن خاتا سىگنالنى بېرىشى مۇمكىن، دەپ يازدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس بۇ ئاينىڭ 26 ‏- كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رايىسنى خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سۆزلىشىشكە ئۈندىگەن. رايىسنىڭ خىتاي سەپىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان ياكى چېتىلمايدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس، لېكىن شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى ۋە ئىران مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى مەلۇم. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.