"خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى" كىتابى " يۇلۇسسەس" مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ دېھقانلارنى قانداق ئېزىدىغانلىقى پاش قىلىنغان " خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى"كىتابى خەلقئارا يۇلۇسسەس ئاخبارات ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورلىرى ئەر- ئايال چىن گۈيدﯤ ۋە ۋۇچۈنتاۋلار شەنبە كۈنى بېرلىن شەھىرىدە 50 مىڭ ياۋرۇ مۇكاپات پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

040929_china_peasants.jpg
" خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى" ناملىق كىتاب

يۇلۇسسەس مۇكاپاتى دۇنيادىكى بىردىنبىر خەلقئارالىق ئاخبارات ئەدەبىياتى مۇكاپاتى بولۇپ، گېرمانىيىدىكى " خەلقئارا ئەدەبىيات " ژۇرنىلى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ تەسىس قىلغان ئىدى.

مەزكۇر مۇكاپاتنى تارقىتىش ئورگانلىرىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر كىتاب غەرب ئەھلىگە نامەلۇم بولغان خىتايدىكى 900 مىليونغا يېقىن دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي ، سىياسىي ۋە جەمئىيەت ئورنىنى ئېچىپ بەرگەنلىكى، بولۇپمۇ نۇرغۇن دېھقانلار ئۇچراۋاتقان دىكتاتورلۇق، زوراۋانلىق، چىرىكلىك ۋە ئادالەتسىز باج - سېلىق ئېلىشتەك ۋەزىيەتنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر كىتاب ئۆتكەن يىلى نەشىردىن چىققاندىن كىيىن، خىتايدا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن. (ئارزۇ)

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار خىتاي بۆلۈمىنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسى