تەيۋەندە يېڭىدىن نەشر قىلىنغان دەرسلىك كىتابلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى رەت قىلغاندىن كېيىن باشلانغان مۇنازىرە داۋاملاشماقتا

رويترس ئاگېتلىىنىڭ 1 ‏- ئاينىڭ 31 ‏- كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەندە نەشر قىلىنغان دەرسلىك كىتابلاردا 'دۆلەت' ، 'دۆلەت ئاتىسى سۈن جۇڭسەن' ۋە تارىختىكى 'ھۇنلار ' توغرىسىدىكى ئاتالغۇلارنىڭ بۇرۇنقى تەبىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىغا قارىتا داۋاملىق رەددىيە بەرمەكتە.

ب ب س نىڭ مۇنازىرە بېتىدە تەيۋەندىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا "جاڭ كەيشى سۈن جۇڭسەننىڭ 'سەنمىنجۇيى' مەسلىكى بىلەن كوممۇنىزم نەزىرىيىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، گېزىت-ژۇرنال، كىنو، تىياتىر، ناخشا، تېلىۋىزىيە، ھەتتا پۇلغا سۈرىتىنى بېسىش ئارقىلىق توختىماي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، تەيۋەندە سۈن جۇڭسەننى ئىلاھلاشتۇردى. جاڭ كەيشى ئۈزىنى بولسا ئۇنىڭ ئىز باسارى دەپ كۆرسەتتى. ئەمەلىيەتتە سۈن جۇڭسەن ھايات ۋاقتىدا تەيۋەننى 4 قېتىملا زىيارەت قىلغان، ئەمما تەيۋەندە تۇرمىغان. تەيۋەن خەلقى ئۇنىڭ مەسلىكىنى چۈشەنمىگەن. جاڭ كەيشى بولسا سۈن جۇڭسەندىن يۈز ئۆرىگەن مەخلۇق. ئۇ 1949 ‏- يىلى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ قاقشاتقۇچ زەربىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن تەيۋەنگە كېلىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەن خەلقى جاڭ كەيشىگە ۋە گومىنداڭغا نەپرەتلىنىپ كەلمەكتە" دەپ بايان قىلىنغان. (ۋەلى)