بېيجىڭدا يۈز بەرگەن مەجبۇرىي كۆچۈرۈشتە بىر خىتاي پۇقراسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

بېيجىڭنىڭ دۇڭچېڭ رايونىدا مەجبۇرىي كۆچۈرۋىتىش ئۈچۈن ئۆيى چىقىۋىتىلگەن زاڭ رۇيجۈن، ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۈر ھەرىكىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئۈلۈم بىلەن ئىپادىلىدى.

ئىستانسىمىزنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئىگىلىشىچە، ئوي ئىجارە بېرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن 58 ياشلىق زاڭ رۇيجۈننىڭ ئايالى مېيىپ بولۇپ، ئىجارىگە بېرىلىۋاتقان ئويلىرىنى چاققىلى كەلگەنلەر، ئۇنىڭ نارازىلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا " ئەگەر يۇۋاش بولمىساڭ، ئايالىڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن" دەپ تەھدىت سالغان. زاڭ رۇيجۈن ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان.

ۋەقەدىن كېيىن، ساقچىلار ئەتراپنى قورشاش، مەتبۇئاتنى قاتتىق كونترول قىلىش ۋاستىلىرىنى ئىشلەتكەن. زاڭ رۇيجۈننىڭ يېقىن دوستى ما لەنفۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئاز تۆلەم تۆلەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، نۆۋەتتە زاڭ رۇيجۈنگە ئوخشاش ئىجارىكەشلەرنىڭ ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىدە ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ھەرىكىتىگە نارازلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت " ئاز تۆلەم بىلەن خۇسۇسنىڭ مال مۇلىكنى تارتىۋىلىش " سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي كەلمەكتە. (ئەقىدە)