شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 24188 كىشى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئەزالىقىدىن چىقىرىۋىتىلگەن. خەۋەردە مەزكۇر كىشىلەرنىڭ نېمە سەۋەبتىن كوممۇنىست پارتىيىسىدىن چىقىرىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پارتىيىدىن چىقىرىلغانلاردىن باشقا يەنە 115143 ئەزاغا ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقى ئۇلارغا قانداق جازالار بېرىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. ئەمما 15177 كىشىنىڭ جىنايى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلىنىپ ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
70 مىليون ئەتراپىدا ئەزاسى بولغان خىتاي كوممونىست پارتىيىسى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتى ھېسابلىنىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆتمۈشتە، ئەزا قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر شەرتلەر ئوتتۇرىغا قويىدىغان خىتاي كوممونىست پارتىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئۆزىنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئورنىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن پارتيىگە ئەزا قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنى يەڭگىللىتىپ، ئەزا كۆپەيتىش يولىنى تۇتقان. (قانات)