خىتاي ئۆلكىلىرىدە كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياج ئاشماقتا
2005.01.26
نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە كۆمۈر يېتىشمەسلىك ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلاپ، كۆمۈرگە بولغان ئومۇمىي ئېھتىياج، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن 80 مىليون توننا ئېشىپ كەتكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان "تەڭرىتاغ تورى" چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجى قانمايۋاتقان پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈرلەرنى تۆمۈر يول ئارقىلىق ماڭغۇزۇش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خەۋەردە يەنە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ تىپتىكى كۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ بازار ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەپتىن نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈرلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۆمۈر يول ئارقىلىق توشۇش سۈرئىتىنى دەرھال تېزلىتىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھەر توننا كۆمۈرنىڭ باھاسى 200 يۇئەنگە يەتكەن، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا، ھەر توننىسى ئاران 80 يۇئەن كېلىدىكەن. ئامېرىكا مايئەمى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خىتاينىڭ غەرىبنى ئېچىش سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان دوكتور جۇن جېيېر خانىم، ئۆزىنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان زىيارىتىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىقلاردىن يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن خىتايلار ۋە خىتاينىڭ ئۆلكىلىرى كۆپ مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدىكى بىر كۆمۈر كاندا يەنە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
- خىتاينىڭ شەنشىدىكى كۆمۈر كېنىدا يەنە 3 قېتىم پارتلاش يۈز بەردى
- شەنشىدىكى كان ۋەقەسىدە 140 تىن ئارتۇق ئادەم كان ئاستىدا قامىلىپ قالدى
- خېبىيدىكى كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 57 گە يەتتى
- خېبيدىكى تۆمۈر كان ۋەقەسىدە ئاز دىگەندە 9 ئادەم ئۆلدى
- خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى كان ۋەقەسىدە ئاز دىگەندە ئالتە ئادەم ئۆلدى
- داپىڭ كۆمۈركانىدىكى پارتلاشتا ئۆلگەن ئادەم سانى 122 دىن ئاشتى
- داپىڭ كۆمۈر كېنىدىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 82 گە يەتتى