خىتايدا ، كۈنىگە 13 ئادەم كۆمۈر كان ھادىسىسىدە ئۆلىدۇ


2007.12.31

خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدا كان ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 19 ئادەم كان ئاستىدا قېلىپ قازا قىلغان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل ئىچىدە خىتايدا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى كان ئۆرۈلۈش ھادىسىسى ئىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 29- چېسلا شەنبە كۈنى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى مۇدەنجياڭ شەھىرىگە جايلاشقان شۈنفا كۆمۈر كانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، كۆمۈر كان دىۋارى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋە ئىككى كۈن داۋاملاشقان قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى داۋامىدا 19 ئىشچىنىڭ جەسىتى بايقالغان.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ كۆمۈر كان شەخسىيلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى كان بولۇپ، پارتلاش يۈز بەرگەندە 21 ئادەم قۇدۇق ئاستىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىكەن.

خىتايدا 5 مىليوندىن ئارتۇق كۆمۈر كان ئىشچىسى بار بولۇپ ، بۇلار دۇنيا بۇيىچە ئەڭ خەتەرلىك كان قۇدۇقلىرىدا مەشغۇلات قىلىدۇ.

خىتاي كۆمۈر كان قۇدۇقلىرىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئوت كېتىش، سۇ بېسىپ كېتىش، پارتلاش قاتارلىق ھادىسىلەر ھەر يىلى نەچچە مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2006- يىلىدا پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا كۆمۈر كان ھادىسىسىدە ئۆلگەن ئادەم سانى 4750 بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 ئادەمدىن توغرا كېلىدىكەن.

تېخى بۇ ئاينىڭ بېشىدىلا شەنشى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈركان پارتلاش ھادىسىسىدە 510 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.