خىتاي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 15 - فېۋرال كۈنى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پىندىڭشەن رايونىدا كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 33 نەپەر كانچى كۆمۈر كان ئاستىدا قالغان. بۇندىن بىر كۈن ئىلگىرى سەنشىنىڭ تەييۈئەن شەھىرىدىكى بىر قانۇنسىز ئېچىلغان كۆمۈر كانىدىمۇ پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، 5 نەپەر كانچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۇنيا بۇيىچە كۆمۈر كان ۋەقەسى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2006 - يىلىنىڭ ئۆزىدە، خىتايدا يۈز بەرگەن كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 5000 غا يەتكەن. (مىھرىبان)
©
2007 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خېنەندىكى بىر كۆمۈر كاندا ئۆلگەن كان ئىشچىلىرىنىڭ سانى ئاز مەلۇم قىلىنغان
- خىتايدا بىر مۇخبىر كۆمۈر كاننى زىيارەت قىلىۋاتقاندا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى
- خىتاي ئۆلكىلىرىدە، بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا 85 نەپەر كان ئىشچىسى قازا قىلدى
- خىتايدا بىر ھەپتە ئىچىدە 104 نەپەر كان ئىشچىسى قازاغا يولۇقتى
- خىتاي كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بارلىق كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كانلارنى تاقىماقچى