10 - دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمىسى جۈمە كۈنى بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى زالىدا باشلانغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئەرز - شىكايەتچىلەرنىڭ بۇ جايغا كىلىپ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىشى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە،كۆرگەزمە مەيدانىدا كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتقان ساقچىلار لوزۇنكا يازغان بەزى كىشىلەرنى تۇتۇپ كەتكەن، بەزى كىشىلەرنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ نازارەت قىلغان. سىرتتىن كەلگەن زور بىر تۈركۈم ئەرزىيەتچىلەر تۇتۇلغاندىن كېيىن ماجيالۇ رايونىغا قامالغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كۆرگەزمىگە كەلگەن ئەرزىيەتچىلەر ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان تەشۋىقاتچىلارغا سۇئال قويۇپ، ئۇلارنىڭ يالغان سۆزلىرىگە رەددىيە بەرگەن. ساقچىلار گاۋ يۇچىڭ قاتارلىق 30 – 40 نەپەر كىشىنى تۇتۇپ سولاپ قويغان. نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەر كۆرگەزمىگە كەلگەنلەرنىڭ 70 % نىڭ قوغداش خادىملىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. (مېھرىبان)