كانادا بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىغا كىرىۋالغان شىمالىي كورىيەلىك مۇساپىرلارنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلدى

شىمالى كورىيەلىك 40 نەچچە مۇساپىرنىڭ بېيجىڭدىكى كانادا ئەلچىخانىسىغا كىرىۋالغانلىقىغا 4 كۈن بولۇپ قالدى. كانادا ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ئەلچىخانىدىكى شىمالى كورىيەلىك مۇساپىرلارنى چىقىرىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان.

كانادا ئەلچىخانىسىڭ بىر ئەمەلدارى، ئەلچىخانىغا كىرىۋالغان كورىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ خىتاي دۆلەت بايرىمى ئاخىرلاشقىچە بىر مەزگىل ئەلچىخانىدا تۇرۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلۈرگەن. كانادا ئەلچىخانىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شىمالى كورىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ بىرى ئەلچىخانىغا قېچىپ كىرىش جەرىيانىدا يارىلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى كانادانىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىدىن شىمالى كورىيەلىك 44 نەپەر مۇساپىرنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

بىراق بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تەلىپى كانادا ئەلچىخانىسىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. 3 كۈننىڭ ئالدىدا خىتايدىكى شىمالى كورىيە مۇساپىرلىرىدىن 44 كىشى بېيجىڭدىكى كانادا ئەلچىخانىسىغا قېچىپ كىرىۋالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى كاناداغا قېچىپ بارغان ئاتاغلىق ئۇيغۇر تىجارەتچى، شىنجاڭ قولماق شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ئەكرەم ئەيسايوپنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، بىراق كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. ئەكرەم ئەيسايوپ ئوتكەن يىلى 10 - ئايدا تۇيۇقسىز يوقات - كەتكەن ئىدى. ئاپتونوم رايۇنلۇق يۇقۇرى سوت مەھكىمىسى ئەكرەمنىڭبارلىق مال مۈلكىنى توڭلاتقان. (ئەركىن)