لى دېڭخۇينىڭ ياپونىيىدىكى شەخسىي زىيارىتى خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغىدى
2007.05.30
تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دېڭخۇي 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ياپونىيىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغاندا، ئايرۇپىلاندا مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئاشكارىلىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، لى دېڭخۇي ئەپەندى، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى 22 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق شەخسىي زىيارەت بولىدىغانلىقىنى، بۇ 11 كۈنلۈك شەخسىي زىيارەت جەريانىدا، توكيودا 'شىمپېي گوتو مۇكاپاتى' يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى، سۆزىدە 1898 - يىلىدىن 1906 - يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ياپونىيىنىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئەمىرى تەيۋەننىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئاساسى قۇرۇلۇشىغا ۋە زامانىۋىيلىشىشىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى تىلغا ئالىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا، بۇ قېتىمقى شەخسىي زىيارەت جەريانىدا يەنە ، ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئاكىسى لى دېڭچىننىڭ قەبرىسىنى يوقلاشنىمۇ ئويلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يۈ دەرھال بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىگە سەھنە ھازىرلاپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باياناتچىسى جاڭ يۈ يەنە ' بۆلگۈنچىلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار ھەر قانداق دۆلەتتە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز' دېگەن.
ياپونىيىنىڭ باش مىنىسىتىرى شىنزو ئابې ' ياپونىيىنى قىسقا ۋاقىت زىيارەت قىلىدىغان تەيۋەنلىكلەر ئۈچۈن ۋىزا بېجىرىش ھاجەت ئەمەس، ياپونىيىدە شەخسىيلەرنىڭ ئېتىقاد ۋە پائالىيەت ئەركىنلىكى بار، لى ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىمقى شەخسىي زىيارىتى خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە تاقاشمايدۇ' دېگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا، خىتاينى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا 'بىر جۇڭگو سىياسىتىنى' كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، دەيدۇ
- چېن شۈيبىيەن : تەيۋەن قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلمايدۇ
- تەيۋەن خىتاينىڭ تەقلىدى ھۇجۇمىغا قارشى ھەربى مانېۋېر ئېلىپ باردى
- تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەلىپى رەت قىلىندى
- تەيۋەن خىتايدىكى مۇھىم نىشانلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- تەيۋەندە 'جاڭ كەيشى خاتىرە سارىيى' نىڭ نامى 'تەيۋەن دېموكراتىيە خاتىرە سارىيى' غا ئۆزگەرتىلدى
- تەيۋەن خەلقى 'مىللەتچى پارتىيە بىلەن كوممۇنىست پارتىيە ھەمكارلىقى'دىن بىزار