يېقىندا خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى پېڭ خىتايدا چىقىدىغان " ئەمەلىيەت" دېگەن ژۇرنالدا، " يولداش دېڭ شىياۋپىڭنى خاتىرىلەش" دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا -1989يىلدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قوراللىق باستۇرۇش ۋەقەسىنىڭ دېڭ شىياۋپىڭنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى.
رويتېرىس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، لى پېڭ ماقالىسىدە، “ -1989يىلى خىتايدا سىياسىي دولقۇن كۆتۈرۈلگەندە، يولداش دېڭ شىياۋپىڭ بىر ئۇلۇغ ئىنقىلابچى ۋە سىياسىيونلۇق جاسارىتى بىلەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ۋەقەگە كەسكىن چارە قوللىنىشىنى قەتئىي قوللاپ، بۇ سىياسىي دولقۇننى پەسەيتتى ھەم دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى” دەپ يازىدۇ.
مەزكۇر ماقالىغا ئاساسەن سىياسىي ئانالىزچىلار لى پېڭنىڭ، خەلقئارادا ۋە دۆلەت ئىچىدە ھازىرغىچە غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان تيەنئەنمېن چوڭ قىرغىنچىلىقىدىكى مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. (پەرىدە)