لى جاۋشىڭ: جۇڭگو يادرو قوراللىرىنى ئالدى بىلەن ئىشلەتمەيدۇ
2005.07.22
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جوڭگو دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى گېنېرال مايور جۇ چىڭخۇ، ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەن ئۇرۇشىغا ئارلاشسا، جوڭگو ئامېرىكىغا يادرو قوراللار بىلەن زەربە بېرىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ، خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىنى ئالدى بىلەن ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لى جاۋشىڭ بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئامېرىكا ۋە ياپونىيىلىك مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلىپ، جۇ چىڭخۇنىڭ سۆزى جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىغا ئەمەس، ئۇنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. ئەمما لى جاۋشىڭ جۇ چىڭخۇنى تەنقىد قىلمىدى. لى جاۋشىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، جوڭگو 1964 - يىلى تۇنجى يادرو قوراللار سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، "ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئالدى بىلەن يادرو قوراللىرى ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە بەرگەن."
لى جاۋشىڭ، بۇ ۋەدىنىڭ ھازىرغا قەدەر كۈچكە ئىگىلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ ، "ھەرقانداق كىشى ۋە ھەرقانداق كۈچنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇلدا تەيۋەننى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشىگە يول قويمايمىز،" دېگەن.
جوڭگو دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىنى يىتىشتۈرىدىغان ئورگان. شۇنىڭ ئۈچۈن جۇ چىڭخۇنىڭ سۆزى ئامېرىكا ۋە دۇنيادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىلدنىڭ تەكىتلىشىچە، جۇنىڭ سۆزى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىش - قىلماسلىقىنى كۆزىتىشكە ئەرزىيدىكەن. جۇ چىڭخۇ، "شىئەننىڭ شەرقىدىكى پۈتۈن شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىغا تەۋەككۈل قىلالايمىز،" دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- خىتاي گېنېرالى جۇ چىڭخۇنىڭ سۆزى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى
- خىتاي گېنېرالى زۆرۈر تېپىلغاندا ئامېرىكىغا قارشى يادرو قورالى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلدى
- مەخپىي ھۆججەت: ئامېرىكا خىتايدىكى بىر قاتار ھەربىي قۇرۇلۇشلاردىن خەۋەرسىز قالغان
- خىتاي، ھەربىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئاسىيا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى