بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان لوندون شەھەر باشلىقى لېۋىنستوننىڭ تيەنئەنمىن ۋەقەسى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى ئەنگىلىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
ئەنگىلىيە " گۋاردىئان " گېزىتىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، لىۋىنستون بېيجىڭ شەھەر باشلىقى ۋاڭ چىشەن بىلەن بېيجىڭ - لوندون ئاچا - سىڭىل شەھەر كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمىدا، ئەنگىلىيىنىڭ 1989 - يىلى تيەنئەنمىن ۋەقەسى باستۇرۇلغانلىقىنى تەنقىد قىلىش ھوقۇقى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ۋە تيەنئەنمىن ۋەقەسى ئائىلە - تاۋاباتلىرىنى ئەپسۇسلاندۇردى. " گۋاردىئان " گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، " مەن بۇ يەرگە بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر سىياسىي ۋەقەنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كەلمىدىم " دەپ تەكىتلىگەن لىۋىنستون، " ئەگەر بېيجىڭ شەھەر باشلىقى بىزگە ھىندىستان ۋە ئافرىقىدىكى مۇستەملىكە خاتىرىمىزنى سورىسا، مەن نېمە، دەپ جاۋاب بېرىشىم كېرەك ؟ " دەيدۇ.
لىۋىنستوننىڭ قارىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى 1989 - يىلدىكى قىرغىنچىلىققا ئېسىلىۋالماسلىقى لازىم. لېكىن لىۋىنستوننىڭ سۆزلىرى تيەنئەنمىن ۋەقەسى ئائىلە - تاۋاباتلىرىنى ئەپسۇسلاندۇردى. تيەنئەنمىن ئانىلار جەمئىيىتىدىكى دىڭ زىلىن، لىۋىنستوننىڭ سۆزلىرىنى ئەنگىلىيىدەك دېموكراتىك بىر دۆلەتكە خىيانەت قىلغانلىق، دەپ ئەيىبلىگەن. ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان " تامىز" گېزىتى لوندون شەھەر باشلىقىنى تەنقىد قىلىپ،" لىۋىنىستون 1990 - يىلى لوندوندا يۈز بەرگەن نامايىش بىلەن 1989 - يىلى تيەنئەنمىندە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنى ئارىلاشتۇرۋالماسلىقى كېرەك. چۈنكى لوندوندىكى نامايىشتا بىرمۇ ئادەم ئۆلمىدى، لېكىن تيەنئەنمىن ۋەقەسىدە 3000 دەك ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، دەيدۇ.