خىتاي تىبەتتە 400 دىن ئارتۇق تىبەتلىكنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى


2008.03.31

خىتاي ساقچىلىرى 10 - مارتتىن باشلاپ تىبەتتە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا ئالاقىدار كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھازىرچە ساقچىلار نامايىشنى تەشكىللىگۈچى گۇماندارلاردىن 400دىن ئارتۇق كىشىنى قولغا ئالغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، يېقىندىن بۇيان 289 ئادەم ئۆزىنى مەزكۇر نامايىش بىلەن ئالاقىدار دەپ مەلۇم قىلغان بولۇپ، جەمئىي 414 نەپەر گۇماندار قولغا ئېلىنغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، تىبەت جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جياڭ زەيپىڭ، خىتاي رازۋېدچىكلارنىڭ 10 - مارت تىبەتتە قوزغىلىپ 14 ‏ - مارت رەسمىي قانلىق توقۇنۇشقا ئايلانغان نامايىشتا مەسئۇلىيىتى بار گۇماندارلارنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق نامايىشتا 1 خىتاي ساقچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا 200 مىڭ يۈەن نەپىقە پۇلى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئەمما سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش جەريانىدا ئۆلگەن تىبەتلەرنىڭ سانى 140 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى مەلۇم قىلغان ساندىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىكەن.

ھازىر تىبەت ۋە قوشنا رايونلاردىكى نامايىش ئاساسەن جىمىقتۇرۇلغان بولسىمۇ، رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 29 - مارت كۈنى خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەل دىپلوماتلىرى تىبەتتە ئېلىپ بارغان 3 كۈنلۈك زىيارەت داۋامىدا يەنە 100 گە يېقىن كىشى تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىدە نامايىش ئېلىپ بارغان. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.