خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ 5 دەن بىر قىسىمىنىڭ ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقى بايقالدى
خىتايدا سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرى خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ 5 دەن بىر قىسىمىنىڭ ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، مەزكۇر مەھسۇلاتلاردا زەھەرلىك ماددىلار بايقالغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي مەركىزى سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى، تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسى دوكلاتىدا 7200 خىل تاۋارنىڭ 80.9 پىرسەنتىنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىكىنى ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما قالغان 19.1 پىرسەنت تاۋارلاردا زەھەرلىك ماددىلار، خىمىيىۋىي قوشۇلمىلار، بىخەتەرلىك ۋە مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلۈشىنىڭ كەم بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.
كىچىك تىپتىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلاردا بۇ خىل ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ 27.1 پىرسەنتكە يەتكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە يەنە، بۇ تەكشۈرۈش پەقەت خىتاي ئىچىدىكى مەھسۇلاتلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئوز ئىچىگە ئالمايدىكەن.
بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە 5 دەن بىر قىسىم ئىچىملىك لاياقەتسىز چىققان ۋە خىمىيىۋىي ئوغۇت، پارازىت قۇرۇت دورىلىرى، دېھقانچىلىق دورىلىرى قاتارلىقلارنىڭ 19.5 پىرسەنتى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، قۇتىلىق ئىچىملىك، مېۋە مۇراببالىرى، سۇ تەڭشىگۈچ، قۇرۇتۇلغان بېلىق قاتارلىق نۇرغۇن مەھسۇلات ۋە يېمەك- ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىدا باكتېرىيە ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى خىمىيىۋىي قوشۇلمىلار بايقالغان.
بۇ يىل باھاردىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىغا سۈپەتسىز ۋە زەھەرلىك ماددىلاردىن بۇلغانغان ھەرخىل يېمەكلىك، تېببىي خۇرۇچلار ۋە بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئېكسپورت قىلغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي تەرەپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلگەن.
خىتاي ئامېرىكا ۋە پاناماغا ئېكسپورت قىلغان خىتاي ماللىرىدا زەھەرلىك خىمىيىۋىي ماددىلار بايقالغاندىن كىيىن خىتاي مېلىغا قارىتا دۇنياۋى دىققەت قوزغالغان ئىدى.
ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا يىمەك-ئىچمەك، دورا- دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسى خىتايدا بېقىلغان سۇ مەھسۇلاتلىرىنى، زەھەرلىك ماددا يوقلۇغى ئىسپاتلانمىغۇچە بىر تۇتاش كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي شىركەتلىرى ئىقتىسادى مەنپەئەتىنىلا كۆزلەۋاتىدۇ
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئېكسپورت قىلغان ئاياق كىيىملىرىدىن باج ئېلىشنى قارار قىلدى
- خىتاي ئامېرىكىدىن 80 دانە بويىڭ ئايرۇپىلانى سېتىۋېلىشقا كېلىشتى
- پرېزىدېنت بۇش سودا مەسىلىسىنى جۇڭگو - ئامېرىكا باشلىقلار سۆھبىتىدىكى مۇھىم تېما دېدى
- ھىندىستان ۋە خىتاي قەدىمىي يىپەك يولىدا قايتا سودا باشلاش پىلانىنى كېچىكتۈردى
- خىتاي بىلەن فىلىپپىن بىر يېرىم مىليارد دوللارلىق سودا كېلىشىمى تۈزدى
- ياۋروپا بىرلىكى خىتاي توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا ئېتىبار بېرىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى