تەيۋەن ئارمىيىسى بەش كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى


2004.11.08

تەيۋەن دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ كەلگۈسى بىر ھۇجۇمىغا قارشى بەش كۈنلۈك بىر ھەربىي مانېۋىر باشلىدى .

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، مەڭگۈلۈك غەلبە دەپ ئاتالغان مانېۋىرغا 1600 نەپەر ئەتراپىدا ئەسكەر قاتناشقان بولۇپ، ھەربىي مەشق جەريانىدا تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن تەيۋەن ئارىلىغا چىققان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تەيۋەن قىسىملىرى تەرىپىدىن ئارقىغا چىكىندۈرۈلىشى جانلاندۇرىلىدىكەن .

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەن رەھبەرلىرى خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئىھتىماللىقىنىڭ كۈندىن كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە .

ئۆتكەن ھەپتە تەيۋەن خىتاي ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى جوزىف ۋۇ تەيۋەن ئۆزىنىڭ مۇداپىئە قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك ، چۈنكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەڭە قاراتقان دۈشمەنلىكى كۈنسېرى ئاشماقتا دىدى .

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، تەيۋەن ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان چىن شۈي بيەن قايتىدىن پرېزىدېنت سايلانغاندىن بىرى تېخىمۇ كەسكىنلەشمەكتە . (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.