تەيۋەن خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش شەكلىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى


2005.07.27

تەيۋەن ھەربىي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا زەربە بېرىش تەقلىد قىلىنغان "خەنگۇئاڭ 21 - نومۇرلۇق ھەربىي مانېۋىر"ئىنى ئۆتكۈزدى.

تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن ھەربىي بازىغا بېرىپ مانېۋىرنى كۆزدىن كۆچۈردى ھەمدە مانېۋىرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى قىرغاق ۋەزىيىتىگە تەھدىت ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى.

بۇ قېتىملىق مانېۋىرغا 2000 دىن ئوشۇق ئوفېتسىر، ئەسكەر ۋە 4 دانە ف-16 بەلگىلىك كۆرەشچى ئايرۇپىلان، 9 دانە چ-130 تىپلىق توشۇغۇچى ئايرۇپىلان قاتارلىق ھەر خىل قورال ئەسلىھەلىرى قاتناشتۇرۇلدى. شۇنداقلا بۇ مانېۋىر ئاساسلىقى خىتاينىڭ تەيۋەننىڭ ئاساسلىق ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشى تەقلىد قىلىنىپ ئېلىپ بېرىلدى.

ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتىدا، تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ رايونغا تەھدىت ھاسىل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ، بېيجىڭنىڭ 650 دانىدىن 730 غىچە بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى تەيۋەنگە توغرىلاپ قويغانلىقىنى يازغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىغا قارشى چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا قانۇنىدا ناۋادا تەيۋەن ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوغداش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى بەلگىلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا تەيۋەننى ئۆزىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ ھەتتا خىتاي يېقىندا بىر يېڭى قانۇن تۇرغۇزۇپ، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق جاكارلىسا، ئۇ ھالدا تەيۋەنگە قورال كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى بېكىتكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.