خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى
2005.08.02
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى تېررورچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن.
مانېۋىر 18 - ئاۋغۇستتىن 25 - ئاۋغۇستىقىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىككى تەرەپنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىلىرىدىن بولۇپ 10 مىڭغا يېقىن ئەسكەر قاتنىشىدىكەن.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ قېتىملىق مانېۋىرغا "تىنچلىق ھەرىكىتى 2005" دېگەن نام بېرىلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە، بۇ قېتىملىق مانېۋىرنىڭ 3 -بىر دۆلەتنى نىشان قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مانېۋىر 18 - ئاۋغۇست دەسلەپ رۇسىيىنىڭ ۋىلادىۋوستوكتىكى رۇسىيە تىنچ-ئوكيان پاراخوت ئەترىتىنىڭ باش شىتابىدىن باشلىنىپ، كېيىن خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىگە يېقىن سېرىق دېڭىز يەنى خۇئاڭخەي دېڭىزى ئەتراپىغىچە يۆتكىلىدىكەن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق باشلامچىلىرىدىن بولغان خىتاي بىلەن رۇسىيە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىمۇ تېررورچىلىق، دىنىي رادىكال ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرەشكە ھەمكارلىشىشقا ئۈندەپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار يەنە بۇ دۆلەتلەرنى بۇ قېتىمقى مانېۋىرنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە تەكلىپ قىلغان. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش شەكلىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
- خىتاي بىلەن رۇسىيە پات ئارىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ
- خۇ جىنتاۋ بىلەن پۇتىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ رۇسىيىنى زىيارەت قىلدى
- خۇ جىنتاۋ تېخىمۇ كۆپ نېفىتقا ئېرىشىش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن قازاقىستانغا بارماقچى