خىتاي، رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى
2005.08.18
پەيشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان 8 كۈنلۈك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى رەسمىي باشلىدى. بۇنىڭغا ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ھەربىي قىسمىنىڭ باش قوماندانلىرى قاتناشتى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق مانېۋىرغا قاتناشقان 10 مىڭ ئەسكەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي بولۇپ، رۇسىيە تەرەپ 1800 نەپەر ئەسكەر قاتناشتۇرغان.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى خەۋىرىدە، بۇ قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ لايىھىسى خۇددى تەيۋەننى بېسىۋالغاندەك شەكىلدە بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ بىرلەشمە مانېۋىر ئارقىلىق رۇسىيە قارتىنى ئۇستاتلىق بىلەن ئويناپ، تەيۋەن، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى يازغان.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مانېۋىر جەريانىدا رۇسىيە بىلەن خىتاي تەرەپ ئارىسىدا بەزىبىر ئىختىلاپلار كۆرۈلگەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئانالىزچىسىنىڭ نەزىرىدىكى رۇسىيە-خىتاي ھەربىي مانېۋىرى
- خىتاي ۋە رۇسىيە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا
- ئامېرىكا ئارمىيىسى خىتاي - رۇسىيە ھەربىي مانېۋىرىنى دىققەت ئېتىبارى بىلەن كۆزىتىدۇ
- خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى
- تەيۋەن خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش شەكلىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى